باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-04-28   

3-ئاينىڭ 4-كۈنى خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەلەش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە «تۆت تارىخ» كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2-دەرىجىلىك نازارەتچىسى تاڭ چىمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىللىق پىلان» باشلانغان يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش يىلى، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەلا نەتىجە بىلەن سوۋغا تەقدىم قىلىش كېرەك. 

يىغىندا 2021-يىلى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىدە مۇھىم بىر نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇش. ئىككى پائالىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش بىلەن «مەن ۋە ۋەتىنىم» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئويغىتىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى كۇرسىنى ئېچىش؛ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش باش تېمىسىدىكى سەييارە ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش پائالىيىتى، ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش مۇسابىقىسىنى ئلىپ بېرىش؛ «خۇبېي ئۆلكىسىدىكى خۇيزۇ ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەر ھېكايىسى» ناملىق كىتاب تۈزۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى دىنىي زاتلار بىلەن خۇيزۇ ئاممىسىنىڭ پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولغان، بوران-چاپقۇندا بىللە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەشكە تەشكىللەش. ئۈچ تەلەپنى ياخشى ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش؛ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى 1-ئىيۇلنىڭ ئالدى كەينىدە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۇرسانتلار سىنىپى ئېچىش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، نۇتۇق سۆزلەش، ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر، پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش ۋە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئۆلكىلىك پارتىكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى باشقارمىسى، ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى 1- باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلدى.

 

(جەن چىڭفاڭ خەۋىرى؛ مەمتىمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر