باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاڭجۇ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-04-25   

خاڭجۇ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، بارلىق يىغىنغا قاتناشقان يىغىن قاتناشچىلىرى «دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى. ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىردەك بۇ «چارە»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دىنىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلىتىمىزدىكى دىننىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدى.

يىغىندا، بىرىنچىدىن، ئىسلام جەمئىيىتى، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى دىنىي زاتلار توختامى بىلەن ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئىسلام جەمئىيىتى، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى قانۇن بويىچە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسلام جەمئىيىتى، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى بىخەتەر، مۇقىم خىزمەت پىلانىنى قانات يايدۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىردەكلىك ئېڭىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.

 (خاڭجۇ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى خەۋىرى؛ مەمتىمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر