باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى خەينەندە ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-04-15   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ لىڭشۈي لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئېچىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 60 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 12-ئىدارىسىدىن ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ كۆرسەتمە بەردى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ۋە خەينەن ئۆلكىلىك پارتىكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى كاڭ بەييىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. يىغىندا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە 2021-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى؛  «جۇڭگو ئىسلام دىنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، دائىمىي كېڭەش ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىش چارىسى ۋە نامزات تەقسىماتى تەكلىپى»(دەسلەپكى لايىھەسى) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىن جەريانىدا، يىغىن قاتناشچىلىرىنى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئىشلىگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى مەخسۇس تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل» ناملىق سىن لېكسىيەسىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلدى؛ كوللېكتىپ ھالدا «ئەركىن سودا پورتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىپ، يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەجرىبە ۋە يوللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ 2020-يىلى ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئومۇمىيىتى ۋە ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2021-يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى سەپىرىگە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە قەدەم قويۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئۈچىنچى، توغرا يولدا ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

كاڭ بەييىڭ خەينەن ئۆلكىلىك پارتىكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ئۆلكىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىنى خەينەندە ئېچىشى ھەم خەينەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئەركىن سودا پورتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتنىشىشى، مەۋقەنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام سۇپىسىغا قويۇپ، دىققىتىنى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى مۇھاكىمىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

خەينەن ئۆلكىلىك پارتىكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ گېڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ خەينەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پارتىكوم، ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ خەلق رايىنى ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەينەن جۇڭگونىڭ تاشقى كۆزنىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ سودا پورتى قۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگۈچى، قاتناشقۇچى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى قوغداپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

(ما لېچياڭ، ما فىڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر