باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2020-01-16   

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ ھال سورىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

رەئىس ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ۋاڭ زوئەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە  ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسى، ھەج خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق كەسپىي بۆلۈملەرنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەرقايسى بۆلۈم مەسئۇللىرىنىڭ ژۇرنال تەھرىرلىك خىزمىتى، «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر»نى تۈزۈش خىزمىتى، ھەج خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.  ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2019-يىلىدىكى خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە قارىتا يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

(ما فېڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر