باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-12-11   مەنبەسى::تىيانشان تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى،بېيجىڭ،12-ئاينىڭ5-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە ئوبيېكتىپ پاكىت نەزەرگە ئېلىنماي، دۆلىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى بۇرمىلاندى، قارا چاپلاندى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەندى. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

   شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر -ئىتتىپاق بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ - ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مەنپەئەتداش- تەقدىرداش بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك تۈپ سىياسىتى. ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. شىنجاڭدا ھازىر ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 56 مىللەت، 25 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئون ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مەسچىت 24 مىڭ 400، ئىمام، خاتىب قاتارلىق ئىسلام دىنى دىنىي خادىمى 29 مىڭ. دۆلەتنىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەج قىلىش سىياسىتى بويىچە، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى شۇ جايدىكى شارائىتى بار ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1996-يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم چېگرادىن چىقىش - كىرىش، داۋالىنىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەج قىلىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەر يىلى روزا ئېيى مەزگىلىدە، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ روزا تۇتۇشى ياكى روزا تۇتماسلىقى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى بولۇپ، ئارىلىشىشقا ئۇچرىمىدى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر روزا ھېيت قاتارلىق بايراملاردا بازار تەمىناتىغا، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى دىن بىلىملىرىنى يېشىش ۋە سۆزلەش خىزمىتىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، «قۇرئان»، «ھەدىس»نى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا تەرجىمە قىلدى، دىنىي بىلىم ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈپ بېسىپ نەشر قىلدى، ئۇيغۇرچە تور بېكىتى ۋە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنى ئېچىپ، چىقىرىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد قىلىشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلىدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىسلام دىنى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي، دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھەدەپ تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قايمۇقتۇردى. نۇرغۇن پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرى شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق بولغان تەرتىپىگە، ئىتتىپاق - تەرەققىي قىلغان كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈز بېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال ماسلاشتى، نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نوپۇزلۇق دىنىي ئەقىدىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر تارقاتقان «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» «كاپىرلىق سەپسەتىسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەردى، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىردىنلا ئويغىنىپ، پۇشايمان قىلىپ، ئۆكۈنۈپ، ئازغان يولىدىن قايتىپ، ئەسەبىيلىكتىن ئاڭلىق يىراقلىشىپ، ھەم بىر ياخشى ئېتىقادچى بولىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەننى سۆيىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان بىر ياخشى پۇقرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى ئوبيېكتىپ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

 

يەنە >>سۈرەتلەر