باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-12-11   مەنبەسى:تىيانشان تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئۈرۈمچى،12-ئاينىڭ5-كۈنى تېلېگراممىسى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بايانات تۆۋەندىكىچە: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ3-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۇز قىلدى دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇرمىلىدى ھەم ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا بېسىم قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 10 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئاممىسى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. «قانۇن لايىھەسى»دە ئوبيېكتىپ پاكىتقا كۆز يۇمۇلۇپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇرمىلانغانلىقى، قارا چاپلانغانلىقى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەنگەنلىكى، پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ پالاتا ئەزالىرىدىن شۇنداق سوراپ باقماقچىمىزكى، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەرنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزغا قارىتا كەلسە - كەلمەس سۆزلەشكە نېمە ھوقۇقىڭلار بار. بىز شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭ، ھەقىقىي شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، مەجبۇرىيىتىمىز بار. مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. شىنجاڭدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى دىنىي خادىمىدىن 29 مىڭ كىشى بار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون بولۇپ ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن 103ى بار. ئىسلام دىنى ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىپ تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭدا ھازىر شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ھەم قەشقەر، خوتەن، ئىلى قاتارلىق سەككىز شۆبە شۆيۈەن ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىدىن ئىبارەت جەمئىي ئون دىنىي مەكتەپ بار، ھەر يىلى مەلۇم ساندىكى تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىر تۈركۈم زاپاس دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈردى، نۆۋەتتە مەكتەپتە 1100 ئوقۇغۇچى بار. دىنىي بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتىكى «قۇرئان» «سەھىھۇل بۇخارى ھەدىسلىرىدىن جەۋھەرلەر» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 1996-يىلىدىن بۇيان، ھۆكۈمەت ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا تەشكىللىدى، ھەم ھەج قىلغۇچى خادىملارنىڭ داۋالىنىش، تەرجىمە قاتارلىق ئىشلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، يەنە خادىم ئەۋەتىپ ئۆمەككە ئەگىشىپ مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 50 مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئامما سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە باردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئەسەبىي ئىدىيە شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھارۇنخان ھاجى، جۈمە تاھىر قاتارلىق كۆپ نەپەر ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ياكى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى ياكى تەھدىتكە، ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش كۈچلۈك ساداسىغا قارىتا، شىنجاڭ ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، جىنايى قىلمىشى يېنىك ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا قارىتا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ساقلاپ قېلىپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ھەم كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورايدۇ، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى بار. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلىرى كۆپ، ئوزۇقلۇقى مول مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى خىزمەت تېپىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى. «قۇرئان»دا مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تۆۋە قىلىپ تۈزەتسە، ئاللا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ». تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ئاشۇ ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، بۇ، كۆپچىلىكنى قوغدايدىغان ئەڭ زور ياخشى تەدبىر. ئەكسىچە، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار قانۇننى كۆزگە ئىلماي، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھاياتلىققا سەل قاراپ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى، بۇ خىل جىنايى قىلمىش ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق روھىنى دەپسەندە قىلغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىشىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئامېرىكا ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا پىسەنت قىلماي، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى يامان غەرەزدە ئەيىبلەپ، قارا چاپلاپ، بوھتان چاپلاپ، ھەتتا تۇتامى يوق گەپ قىلىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەسەبىي ئۇنسۇرلار شىنجاڭدا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلغاندا، سىلەرنىڭ كارىڭلار بولمىدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىناق، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغاندا، سىلەر ساختا ياخشىچاق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىدىڭلار. شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق ۋەزىيەتنى سىجىل ساقلىدى، بۇ دەل سىلەرنىڭ داغ تەگكۈزۈپ، قارا چاپلاپ قىلغان سۆزۈڭلارغا قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق، دىننى دەستەك قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلماڭلار، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا بىز ئۆزىمىز سۆزلەشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق!
يەنە >>سۈرەتلەر