باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى،

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-08-14   

12-چېسلا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن زىياپەتكە قاتنىشىپ، ھېيتنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ زىياپەتتە سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىغا ھېيتلىق سالامىنى يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

2019-يىلى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، “شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش” ۋە يېڭى ۋەز_تەبلىغسۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى. نۆۋەتتە، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر “يېڭى دەۋرگە كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش”ئاساسىي تېما قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگوقۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالماقتا.

زىياپەتكە يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى چىن زۇڭرۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋبو، جۇڭگو دىنىي ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى لاسەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى غەربىي ئاسىيا-شىمالىي ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېن، جۇڭگو خەلق تاشقى ئالاقە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن يى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇڭ بەيلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ شياۋجۈن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ كېجيې، سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ زىياپەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى . 

زىياپەتكە يەنە 40 تىن ئارتۇق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمان ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

(گو يۇڭبو خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر