باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلىرى مەككىگە يېتىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-07-18   

2019-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ نىڭشيا، يۈننەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلىرى مەدىنىدىن يۆتكىلىپ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە مەككىگە يېتىپ كەلدى، بۇلار بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ مەككىگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى ما جىن قاتارلىقلار سەئۇدى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن بىرگە تۇرالغۇ بىنانىڭ ئالدىدا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە تەبرىكلىدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان تۇنجى قېتىملىق ئايروپىلان سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كەلدى، 14-چىسلاغىچە، 5000 دىن ئارتۇق دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەئۇدىغا كېلىپ بولدى. ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا بېرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.

ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى مەككە خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۈتۈۋېلىش، قاتناش، تۇرالغۇ ئۆي، تاماق بىلەن تەمىنلەش، دىنىي يېتەكچىلىك، بىخەتەرلىك، داۋالاش ۋە ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ھەج قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرى تەرتىپلىك يۈرۈشۈۋاتىدۇ.

14-چېسلا، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باش ئۆمەك مەسئۇللىرى مەككە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇسامە بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دۆلىتىمىز ھەج ئۆمىكىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى.

(مىن جۈنچىڭ، مۇنىرە ئەخمەت خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر