باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپەت بەردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-05-24   

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپەت بېرىپ، مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق سالام ۋە تەبرىك يوللىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا ئالاھىدە نېمەتلىرىنى ئاتا قىلىدىغان ئاي بولۇپ، مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ئارقىلىق، توغرا يولغا ئەمەل قىلىپ، راست-يالغاننى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىغا بەخت-سائادەت يەتكۈزۈپ، رامىزاننىڭ نېمەتلىرىنى ئورتاقلىشىشى لازىم؛ رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئاي بولۇپ، مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئەخلاقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىقادىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىلەك تىلەپ، رامىزان ئېيىنىڭ خاتىرجەملىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك؛ رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ساۋابلىق ئىش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ئاي بولۇپ، جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تۈرلۈك خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەتكە مەھلىيا ئىجتىمائىي ئەخلاقىنى نامايەن قىلىپ، رامىزان ئېيىدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشى كېرەك.

    ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ”2-نۆۋەتلىك ’بىر بەلباغ، بىر يول‘ خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى“ ۋە ”ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبەت يىغىنى“دىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق كاتتا يىغىننى تۈرتكە قىلىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، كاتتا مەدەنىي مەرىكىگە ئورتاق قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساقلىق بىلەن، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، “ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى” بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

زىياپەتكە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر