باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى ھەم زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-11-12   

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق دىنىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلدۇرۇش ، جۇڭگو-ئەرەب خەلقلىرىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر-بىرىنى چۈشىنىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بەھرەين پادىشاھلىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەنۋەر ئۆمەك باشلىقى، مىسىر، كۇۋەيت، قاتار، ئىيوردانىيە ، پەلەستىن، لىۋان، ئىراق ، ئالجىرىيە، سۇدان، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 14 كىشىلىك بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭلار قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.

رەئىس ياڭ فامىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋەكىللەرگە جۇڭگو ئىسلام دىنى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، ئاخىرىدا، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەك باشلىقى رەئىس ياڭ فامىڭنىڭ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەل ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. چۈشتە، رەئىس ياڭ فامىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە زىياپەت بەردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن گۇاڭجۇدا زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەدە بولىدۇ.

(ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر