باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-10-24   

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۆزبېكىستان مىللىي مۇناسىۋەت ۋە تاشقى دوستانە ھەمكارلىق كومىتېتى رەئىسى قۇربانوف باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى .

قۇربانوف مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا كېلىپ دوستانە زىيارەتتە بولدى. سۆھبەت جەريانىدا، مۇئاۋىن رەئىس جىن رۇبىڭ مېھمانلارغا جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەم جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”يېقىنقى يىللاردىن بېرى، جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئورناتتى”. قۇربانوف مۇنداق دېدى: ”ئۆزبېكىستان جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە پائالىيەتلىرىنىڭ بولۇشىنى، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن”.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ جەمئىيىتىمىزدە زىيارەتتە بولدى.

(مىن چاڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر