باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى، يۇ چۇەن قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ ھېيتنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-08-24   

2018-يىلى8-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ مېھمان سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي، ما بياۋ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ، ھېيتنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ زىياپەتتە سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى خىزمىتىگە بولغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ”19-قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى قەلبىگە پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. 2018-يىلى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ئىلگىرى سۈردى؛ كۆۋرۈكلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، مەركىزى نۇقتىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەز-تەبلىغ ۋە يېڭى ۋەز سۆزلەش پائالىيىتى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى؛ دىنىي ئىشلار، ھەج، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىز ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقاردى. بىز بۇ خۇشاللىق پەيتتە، بىرلىكتە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىناق، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىنى تىلەيمىز. 

زىياپەتكە يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شياۋدۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋبو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گو جۈن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چىن زۇڭرۇڭ، يۈ بو، جۇڭگو خەلق تاشقى ئالاقە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن يى، بېيجىڭ شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ بەيلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋىنخۇڭ، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جۆ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى گۇاڭفۇ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فاڭ شىڭياۋ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ كېجى، جىن رۇبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم زىياپەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

زىياپەتكە يەنە 40 تىن ئارتۇق ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمان ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

(ما لىچياڭ، مىن جۈنچىڭ، ۋۇ شۇمېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر