باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، پەرز ھەجنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-08-10   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ بونىڭ 6-ئاۋغۇست رىيادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى 2018-يىللىق ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى 6-ئاۋغۇست سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پەرز ھەجنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزدىن 12 مىڭغا يېقىن ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمان ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، كۇنمىڭ، لەنجۇ، يىڭچۇەن، شىنىڭ، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق 6 ئايروپورتتىن ئۇچۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەج قىلغۇچىلارنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 13 كۈن ئىچىدە 34 ئايروپىلاننى يۆتكەپ ئىشلەتكەن.

7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس مەدىنە شەھىرىدىن مەككە شەھىرىگە بىخەتەر يۆتكەلگەن، نۆۋەتتە، ئۇلار تەخمىنەن 8-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىدىغان پەرز ھەج پائالىيىتىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې 6-چېسلا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ھەج خىراجىتىنى جۇڭگو مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، مۇناسىۋەتلىك كېسەللەردىن ساقلىنىش ۋاكسىنىسى سالدۇرغان، بىخەتەرلىك، دىنىي ئىشلار، سالامەتلىك تەرەپلەردىكى تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتكەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى تاللاپ ئەۋەتكەن مەسئۇل خادىملار، دىنىي يېتەكچىلەر ۋە تېببىي خادىملار دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ھەج-ئىسلام دىنىنىڭ بەش چوڭ ئىبادىتىنىڭ بىرى. ئىسلام دىنىدا، ئىقتىسادىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن شەرتنى ھازىرلىغان مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشى بەلگىلەنگەن. ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە پەرز ھەج مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىن باشقا مەزگىلدە مەككىگە كېلىپ ھەج قىلىش ئۆمرە ھەج ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىللىق پەرز ھەج پائالىيىتى تەخمىنەن 8-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىپ 23-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، 5 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن 3 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان بۇ يىللىق پەرز ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.

(ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر