باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-07-13   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

 

  (2018- يىلى7- ئاينىڭ 10- كۈنى، بېيجىڭ)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك ئەمىر ساباخ ئالىيلىرى،

  ھۆرمەتلىك ئەرەب تەرەپ رەئىسى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەئىر ئەپەندى،

  ھۆرمەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گەيت ئەپەندى،

  ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى،

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  تۆت يىل ئىلگىرى، مەن بۇ يەردە ئەرەب دۇنياسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانىدىم. بۈگۈن، بىز جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ- ئىستەكلەر ئىلكىدە يەنە بىر قېتىم بۇ يەردە جەم بولدۇق. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن ئەزىز مېھمانلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن! جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم كۈنسېرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولۇۋاتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ئەرەب مىللىتىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتۇق. بىز قەدىمىي يىپەك يولىدا «سودا كېمىلىرىنى ماڭدۇرۇشتۇق، سودىگەرلەر، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتۇق»، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدۇق، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدۇق، ھەر قايسىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بىر- بىرىمىزنى قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتۇق. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق جاپا- مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ھەمراھلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردۇر.

  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە پائال قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. تارىختا يىپەك يولى مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» كېسىشكەن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى تەبىئىي ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھتۇر.

  جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كوللېكتىپ قاتنىشىش سىياسىي ئارزۇسىنى بىلدۈردى. بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ يەنە «جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىپ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئىمزالايدۇ.

  تۆت يىلدىن بۇيان، بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى رايون ئەمەلىيىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھەرىكەتنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى بىلەن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىنچلىقنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، رايون ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى يەتكەنلا جايدا رەڭگارەڭ، ھاياتىي كۈچكە تولغان قىياپەت نامايان بولۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق.

  تۆت يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇ يەردە، مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. بۇ، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.

  جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئادالەت، ھەققانىيەتنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولىدۇ، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  بىرىنچى، ئىستراتېگىيەدە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلسە، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. ھازىر، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ئاپەتنى تۈگىتىش، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت تەخىرسىز ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتقا تەقەززا بولۇشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، جۇڭگو خەلقئارادا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناشنى خالايدۇ.

  بىز سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، كۆپچىلىك كېڭىشىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك، بىر تەرەپنىڭلا دېگىنى ھېساب بولسا بولمايدۇ، بىر تەرەپنىڭلا دېگىنىنىڭ ھېساب بولۇشىمۇ ناتايىن. بىز ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىك، بۆلۈنمىچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز كەڭ قورساقلىق بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بېسىش خاراكتېرلىك مۇرەسسەگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىققا تۈرتكە بولۇش، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش، دېڭىز يولى قاتنىشى، يادرو قوراللىرىدىن خالىي رايون قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك قارالمىلارنى چۆرىدەپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۆزلىشىش- كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يەردە، مەن شۇنداق جاكارلايمەنكى، جۇڭگو تەرەپ «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تۈر پىلانى» تەسىس قىلىپ، 20 مىليارد دوللارلىق قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، قايتا قۇرۇش ئېھتىياجى بار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودىلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى كەڭ، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ياخشى تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو يەنە سۇرىيە، يەمەن، ئىيوردانىيە، لىۋان خەلقىنى 600 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ مەبلەغنى شۇ يەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. جۇڭگو يەنە رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد يۈەنلىك تۈرنى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.

  ئىككىنچى، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئەرەب دۇنياسىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەل، بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، مەنپەئەتلىرى گىرەلەشكەن بولۇپ، بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىمىزنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى چەمبەرچاس زىچ باغلىشىمىز كېرەك.

  ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «باشلامچى»نى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار پورت ۋە كەلگۈسىدىكى ئەرەب تۆمۈريولى تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شەرقىي ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ھىندى ئوكيان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن تۈگۈن ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇشىنى قوللايدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ كۆك ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىپ، دېڭىز- ئوكيان ھەمكارلىق مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، دېڭىز- ئوكيان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز- ئوكيان ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» بوشلۇق ئۇچۇر كارىدورىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو «يەتىكەن يۇلتۇزى» يول باشلاش سىستېمىسى ۋە مېتېئورولوگىيە يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  نېفىت- گاز ھەمكارلىقى، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت «قوش چاق»نىڭ ئايلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «نېفىت- گاز +» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش، چەككىلەش، ساقلاش- توشۇش قاتارلىق تولۇق كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، يەرشارى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېلېكتىرى قاتارلىقلاردىن تىنچ پايدىلىنىش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز، نېفىت- گاز يېتەكچى قىلىنغان، يادرو ئېنېرگىيەسىدە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، پاكىز ئېنېرگىيە سۈرئەتنى تېزلىتىدىغان جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز، ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۇزاققىچە دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت «قوش قانات» ئارقىلىق پەرۋاز قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنىڭ مۇلازىمەتكە تىرەك بولۇش رولىنى قانداق قىلىپ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىشىش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، ئوتتۇرا شەرق خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە، پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى پۇل مۇئامىلە سۇپىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش- يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سانائەت رايونى مۇلازىمىتى، كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، پۇل مۇئامىلە مەدىتىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگودىكى ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاكسىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندلىرى ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى، دېڭىز قولتۇقىدا پۇت تىرەپ تۇرىدىغان، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، دۇنياۋى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان خەلقئارا سودا سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، بايلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە بىلەن كەسىپنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو «جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسى»نى تەسىس قىلىپ، 3 مىليارد دوللار پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى مەخسۇس قەرز پۇلى سەپلەيدۇ.

  جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئىدراك، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورىگەرلىك، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بىز جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى پەن- تېخنىكا ھەمراھلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت قىزىقىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تور يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ۋە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە، دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو قىممىتى 8 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تاۋارنى ئىمپورت قىلىدۇ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 750 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ، بۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ۋە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئوتتۇرا شەرقنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللايدىغان مەخسۇس قەرز پۇل ۋە ئېتىبارلىق قەرز پۇلدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سانائەت رايونى ئېچىش قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ تىجارەت قىلىش، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل 11- ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆرگەزمە، شۇنداقلا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىلىرىگە تولۇق قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، پەلەستىن ئەركىن سودا رايونى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

  تۆتىنچى، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتا. تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتى گىرەلىشىپ نۇر چاچقان. بۈگۈنكى كۈندە، بىز قارشى تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسەت ۋە ئوزۇق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. مەن قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ياخشى يۈرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان ئىدىيە سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەركەز زورىيىپ ۋە كۈچىيىپ، ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بىز تىنچلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىققا ھۆرمەت قىلىش، ھەقىقىي بىلىمگە ئىنتىلىش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي سۆھبەتلىشىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىمىز كېرەك. بىز سۆزلىشىش ئارقىلىق خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئوخشاش بولمىغان دىنلاردىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ساغلام، ئاكتىپ مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ياخشى شەرھلىشىمىز كېرەك. بىز تور مەدەنىيلىكىنى ھەمكارلىشىپ بەرپا قىلىپ، توردا ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان، ئۆچمەنلىككە قۇترىتىدىغان سۆزلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن 100 نەپەر ياش يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىسى، 200 نەپەر ياش ئالىم، 300 نەپەر پەن- تېخنىكا خادىمىنى جۇڭگوغا كېلىپ تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا، يەنە 100 نەپەر دىنىي زات، 600 نەپەر پارتىيە رەھبىرىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىگە تۈرلۈك تەربىيەلەش تۈرلىرى بويىچە 10 مىڭ سان بېرىدۇ، يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىگە 500 نەپەر داۋالاش خادىمى ئەۋەتىدۇ.

  بۇ يەردە، مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزى رەسمىي قۇرۇلدى، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا تور بېكىتى تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلىكتە جۇڭگودا ئۆتكۈزىدىغان 4- نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى» رەسمىي باشلاندى.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوخشاشلا خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچ، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش چوڭ دولقۇنىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشى كېرەك. تىنچلىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجى، مۇقىملىق، خاتىرجەملىك، بەخت ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. ھەر قايسى تەرەپلەر تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش يېڭى يولىدا مېڭىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپ خىللىقى بۇ رايوننىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىكى پەرققە ۋە ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. رايون سىرتىدىكى كۈچلەر ياراشتۇرىدىغان، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىخەتەرلىكتىن يالغۇز بەھرىمەن بولۇش، مۇتلەق بىخەتەر بولۇش خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، سەن يېڭىلدىڭ، مەن يەڭدىم، دېيىشمەي، ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس چاغلايدىغان ئىشنى قىلماي، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تەرەققىيات ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنى تۈزەيدىغان ئاچقۇچ. تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسلاھات ئارقىلىق قوزغاپ، ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر باشتىن- ئاخىر قەلبىگە ھەمكارلىقنى پۈكۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بىر قاتار تەرەققىيات تىرىشچانلىقىنى مۇجەسسەملەپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

  ئەرەب مىللىتى قەدىمىي، قەيسەر، ئەقىل- پاراسەتلىك مىللەت، ئۇلار خىرىسلاردىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئېقىمىنى قوغلىشىدىغان روھى ئارقىلىق شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ- خەتەر سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىدىكى مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلە. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرگە خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىپ، پەلەستىنگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، رايونغا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش ئۇرۇقى چاچماسلىقنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىز پەلەستىن مەسىلىسى بويىچە يېڭىدىن خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنى قوللايمىز، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ۋە «ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى» نى قوللاش ئاساسىدا، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  بىز پەلەستىن خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىشىمىز كېرەك. مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، جۇڭگو يەنە پەلەستىنگە 100مىليون يۈەن ھەقسىز ياردەم قىلىپ، پەلەستىننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ. جۇڭگو يەنە پەلەستىننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ب د ت نىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى پاناھلاندۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ئۈستىلەپ پۇل ئىئانە قىلىدۇ.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر ئاساستا سۆزلىشىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم سۇپا بولغان جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، مۇنبەر قۇرۇلۇشىدا چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىش، يېڭى نەتىجە قازىنىش كېرەك. بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، زاپىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئېشىنچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە، ئاخبارات، «يەتىكەن يۇلتۇزى» يول باشلاش سىستېمىسى، كارخانىچىلار مۇنبىرى قاتارلىق مېخانىزملارنى كۈچەيتىپ، ئاياللار، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق مېخانىزملارنى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇنبەر خىزمىتىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىق شەكىللەندۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كوللېكتىپ ھەرىكەتنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

  ئەرەبلەردە «سۆز يوپۇرماق، ھەرىكەت مېۋە» دەيدىغان ماقال بار. قەدىمكى جۇڭگولۇقلار «بوشاشماي تىرىشقاندىلا، تاشقا مۆھۈر باسقىلى بولىدۇ» دېگەن. بىز يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئەرەب مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى مەنپەئىتى ۋە تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى!

  ئاخىرىدا، مەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شۈكران! رەھمەت.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر