باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق ھەج ئۆمىكى يىتەكچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى لەنجۇدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-07-03   

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە 2018-يىللىق ھەج ئۆمىكى يىتەكچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوجې سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لې گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، نىڭشيا مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن 240 نەپەر ھەج ئۆمىكى يىتەكچى خادىمى، دىنىي يېتەكچىلەر ۋە داۋالاش خادىملىرى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.

مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق ھەج خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ھەرتۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم يېتەكچى خادىملارغا بۇ يىللىق ھەج خىزمىتى مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لې گى، ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، بېيجىڭ فۇۋەي دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ھەج خىزمىتىنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى، ھەج خىزمىتى يېتەكچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئۇسۇلى شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ھەج جەريانىدىكى بىخەتەرلىك ۋە قوغدىنىش خىزمىتى، ھەج خىزمىتىدىكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋە بىلىملىرى، ھەج مەخسۇس ئايروپىلانى ۋە ھەج ئىبادىتى توغرىسىدا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى چۆرىدەپ دەرس سۆزلىدى.

20-كۈنى كەچتە، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئۆمەكلەر ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆمەكنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقە يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر 2018-يىللىق ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئۆمەكلەر، ئۇنىۋېرسال ئۆمەكنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆمەك مەسئۇللىرى ئۆز ئۆمەكلىرىنىڭ ھەج خىزمىتى توغرىسىدا قىسقىچە دوكلات بەردى.

21-،22-كۈنى كەچتە، داۋالاش خادىملىرى ۋە دىنىي يېتەكچى خادىملارنى مەخسۇس تەربىيەلىدى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى گەنسۇ ئۆلكىلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. يىغىن بەلگىلىگەن تەربىيەلەش دەرسلىرىنى تاماملاپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، بېكىتكەن نىشانغا يەتتى.

(گو ۋېيۋېي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر