باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپىتى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-06-06   

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رامىزان ئېيى شۈكۈر ئېيى بولۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغان ۋەتەنگە شۈكۈر ئېيتىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. رامىزان سەۋر ئېيى بولۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قەلبنى پاكلاپ، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئېڭى، قانۇنغا رىئايە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، سەۋر قىلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى ئەخلاقىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. رامىزان ئېيى تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئېيى بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، جەمئىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، تەڭ بەھرىمەن  بولۇشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىجتىمائىي ئەخلاقىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى پۇرسەتنى يارىتىپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ پارلاق كەلگۈسىنى، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

زىياپەتكە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى بىرقىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، مۇسۇلمان كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپلار، ھەر قايسى بۆلۈملەر ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

(مىن جۈنچىڭ، دوڭ سەيمو خەۋىرى؛ قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر