باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-23   

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ”سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى“نى باش تېما قىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 53 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ قاتناشتى.

مۇئاۋىن رەئىس جىن رۇبىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم مۇسابىقە قائىدە -تۈزۈملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

رەئىس ياڭ فامىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەز -تەبلىغ سۆزلەش جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئىپادىلەش شەكلى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، ئەركىن، باراۋەرلىك، ئادىل، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە بولۇش قاتارلىق ئىدىيە ۋە غايىلەرنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر يۈرۈش ئىدىيەلەرنىڭ ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان روھ بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئۆزئارا ئۆتۈشىدىغان، ھەتتا يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە ئىگە جايلىرى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەنمۇ بىردەكلىككە ئىگە. نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە قانات يايدۇرىدۇ.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋېن جىيەن ، چاڭ چېڭلياڭ، بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان خۇبېي ئۆلكىلىك ئوتتۇرا-ياش ئىماملار سىنىپىدىكى بارلىق كۇرسانتلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

5-ئاينىڭ 11-كۈنى، 3 كۈن داۋاملاشقان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، ۋاڭ لۈياڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچىلىككە، ما يى، لى جىباۋ ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئىككىنچىلىككە، خۇ بىڭتۈەن، سۇ خى، شيۇڭ خۇالۇڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئۈچىنچىلىككە، دىڭ يۆ ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ما جىن مۇنداق دېدى: ماھىرلار كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە ۋەزلىرى ئارقىلىق، قەدىم ۋە ھازىر ئۈستىدە كەڭتاشا توختىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى شەرھلەپ، يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئېسىل ۋەز قىلىش ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى. مۇسابىقە ئارقىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەزىپىدىكى دىنىي خادىملارنىڭ ساغلام ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈردى، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ”بىرىنچىدىن، دىنىي ساھەدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىش؛ ئىككىنچىدىن، دىنىي ساھەدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن ئۇسلۇبتا شەرھلەش؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئۆگىنىپ ۋە  ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە جەزمەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن مول ئوزۇق قوبۇل قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ئۈلگە بولۇش.

مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم سۆزىدە مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر ۋە بۇ يىل، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇدا «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» ئاساسىي تېما قىلىنغان مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بولسا، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىدىيە ۋە غايىلەرنىڭ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان روھ بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئۆزئارا ئۆتۈشىدىغان، ھەتتا يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە جايلىرى بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەنمۇ بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشتۇر. ئۇ ماھىرلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۆزلىرىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتەرلىك بىلەن قابىلىيەتلىكلەردىن ئۆگىنىپ، مۇسابىقىدىن ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى يۇرتداشلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى، مۇسۇلمان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىنى، يېڭى دەۋردە يېڭىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.

 (ما ۋېيۋېي، ما خەيياڭ، مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر