باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-05-22   

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدىكى دۇڭسى مەسچىتىدە «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، يەرلىكتىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مەسچىتلەرگە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملار، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى. نەق مەيداندا يەنە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە بېيجىڭدىكى مەسچىتلەرگە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېلىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم بايانلىرى ئېلىمىزدىكى دىنلارغا، جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىشقا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، « تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، «بەش تونۇش»نى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىلىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ياخشى مۇسۇلمان ھەم ياخشى پۇقرا بولۇش لازىم؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى دىنىي قائىدە-نىزاملارغا سىڭدۈرۈپ، دىنىي ئەقىدە-ئەھكاملارنى قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبتا شەرھلەپ، چوڭقۇر، تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش لازىم؛ ئۇنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئۆگىنىش، ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە جۇڭگو مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. قىسقىسى، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ نىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى بولسا، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرىدۇر. «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىدە، بېيجىڭ شەھىرى ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، بېيجىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ”ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش باش تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى ئېچىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەش، مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۇڭسى مەسچىتىنىڭ مەسچىتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى خۇڭ جۇڭچىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەسچىتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پائالىيەتنىڭ تەشۋىق قىلغۇچىسى، تەشكىللىگۈچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ھەقىقىي ئېلىپ، «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى مەسچىتلەرگە ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى چىن ئېتىقاد، دۇرۇس يولدا مېڭىشقا  يېتەكلەيمىز.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ «تەشەببۇسنامە»نى جاكارلىدى.

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، مۇئاۋىن باشلىقى لى يۈنخۇا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، ليۇ كېجى، سۇڭ ئېنلىن، بېيجىڭ شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، دوڭچېڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، شۇنداقلا بېيجىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما ۋەكىللىرى يۇقىرىدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلىپ قانات يايدۇرغان «تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى، ھەرقايسى رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرى، مەسچىتلەرنىڭ، شۇنداقلا مۇسۇلمان ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ۋە جايلاردىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئالاقىدار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

(ما لىچياڭ، مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر