باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئىران مۇستافا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-04-25   

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى 3-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى-كۇڭزى تەلىماتى دىيالوگى يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن ئىران مۇستافا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلى رىزا بىنىياز قاتارلىق 6 كىشىلىك ئۆمەك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.

ئادىل ھاجى كېرىم مۇئاۋىن مۇدىر ئەلى رىزا بىنىياز باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىي دىيالوگنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن سىرتقا قارىتا ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇشتۇردى، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇردى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ يېتەكلىدى.

مۇئاۋىن مۇدىر ئەلى رىزا بىنىياز ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ ساھبخانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىمگە ئىران مۇستافا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىران مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتنى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەزەلدىن دوستانە بېرىش كېلىش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئىككى تەرەپ ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىن مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

(ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر