باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-04-09   

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ، مۇئاۋىن باشلىقى چۇەن جېجۇ، ياڭ شياۋبو قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار قىزغىن قارشى ئالدى ۋە قىزغىن كۈتۈۋالدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، رەئىس ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىن خىزمىتى، تاشقى ئىشلار، ھەج مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات، دىنىي مائارىپ خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

ۋاڭ ۋېيگۇاڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى خىزمەتلەردىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قانداق قىلىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش؛ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بىلەن يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش؛ دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئاكتىپ ئامىللىرىنى قېزىش؛ دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

(دوڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر