باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە ”يېڭى « دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنەيلى“دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-03-28   

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە ”يېڭى « دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنەيلى“ دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى قانداق قىلغاندا چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق چۈشەنچە بەردى. ئۇ مەزكۇر لېكسىيەسىدە ”قانۇن ئۆگىنىپ قانۇننى بىلىش ئالدىنقى شەرت، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مۇھىم ۋەزىپە، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، مەسچىتلەر مەسچىت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ ئۆزىگە ئاساس سېلىشى لازىم، دىنىي خادىملار «دىن ئىشلىرى نىزامى» نى ئۆگىنىشتە باشلامچى بولۇشى لازىم“ دېگەن ئالتە مەزمۇننى چۆرىدەپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشىغا كېرەكلىك مۇھىم مەزمۇنلارنى كۆپچىلىككە ئەتراپلىق، تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئۇ لېكسىيەسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىشلاردىن بولۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئامما بۇ يېڭى نىزامنامىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشى، قانۇن- سىياسەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى نىزامنامىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنالايدىغان ۋە قانۇننى قوغدىيالايدىغان پۇقرالاردىن بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيە ئاڭلىدى.

(ليۇ جې خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ) 
يەنە >>سۈرەتلەر