باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-03-28   

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار سەيىدوف قاتارلىق ئۈچ كىشى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە سۆھبەتلەشتى.

رەئىس ياڭ فامىڭ باش ئەلچى بەختىيار سەيىدوفنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇئەييەن رول ئوينىغان جايدۇر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئالاقىنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا بېرىش-كېلىشنى كۆپەيتىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ھەمكارلىشىدىغان ساھەلەرنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ، بىر يولدا ئورتاق سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ۋە ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشىغا يول ھازىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بەختىيار سەيىدوف رەئىس ياڭ فامىڭنىڭ ساھىبخانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كونا يىپەك يولى ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونى بىر-بىرىگە باغلىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋىتى بار. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆزبېكىستان بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستان ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىشى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 (ما يىخۇي خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر