باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ تايلاند-جۇڭگو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-03-28   

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تايلاند-جۇڭگو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما جيەنبو ئەپەندى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ ما جيەنبو ئەپەندىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوستانە سۆھبەتلەشتى.

مۇئاۋىن رەئىس جىن رۇبىڭ ئالدى بىلەن ما جيەنبو ئەپەندىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى چىڭمەي ۋاڭخې مەسچىتىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق-ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن تايلاند ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش-كېلىشنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

رەئىس ما جيەنبو ئەپەندى: ”جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەرپا قىلغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن“ دېدى.

(خەن جىڭجۇڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر