باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-03-14   

ياڭ فامىڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ”پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم“ دېگەن مۇھىم تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پارلاق ۋە داغدام يول كۆرسىتىپ بەردى. بىز دىنىي ساھەدىكى زاتلار بۇنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز.

ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەرقانداق دىن ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە لايىقلىشىش ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ ۋە راۋاجلىنىپ كەلگەن. ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودىكى 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي تەرەققىياتى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى دەلىل بولالايدۇ.

ئىسلام دىنى جۇڭگوغا تارقالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزدىكى خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 10 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگوغا خاس ئىسلام دىنىغا ئايلاندى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسلام مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كۇڭزىچىلار مەدەنىيىتى بىلەن چوڭقۇر بىرىككەن. ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا خەنزۇچە سۆزلەش، خەنزۇچە ئىسىم قويۇش، خەنزۇچە كىيىنىش ئومۇملاشقان. ئىسلام دىنى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىش ئارقىلىق داۋاملاشقان ۋە يىلتىز تارتقان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مۇسۇلمان زىيالىيلار ”قۇرئاننى كۇڭزى تەلىماتى ئارقىلىق شەرھلەش“نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلسەپە، ئەخلاق، ئېتىكا، تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن چۈشەندۈرگەن؛ ”ئاللاھقا سادىق بولۇش، پادىشاھقا تېخىمۇ سادىق بولۇش ئەڭ توغرا يولدۇر“ دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسلام دىنى بىلەن كۇڭزىچىلىق تەلىماتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ”ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر“دېگەن ھەدىسنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، بولۇپمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى ياراتتى.

جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىسلام دىنى جۇڭگوچىلىشىش مۇساپىسىدە ئۆزىنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئاقىلانە، مۆتىدىل، كەڭ قورساق بولۇشتەك قىممەتلىك خاسلىقىنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ يەرلىكلىشىشى ئۈچۈن جۇڭگو تەجرىبىسىنى تۆھپە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى. مەسىلەن، بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى چەت ئەللەرنىڭكىگە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىندى، بىر قىسىم ساھەلەردە ”مۇسۇلمانچە“ دېگەن ئۇقۇم كېڭىيىپ كېتىش، دىن نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىۋېلىشتەك ھادىسىلەر كۆرۈلدى، بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەتكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت قانۇنىغا سەل قارايدىغان، مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىنىلا بىلىپ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى، ۋاھاكازا. بىز بۇ ئەھۋاللاردىن يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولمىساق بولمايدۇ.

چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئىسلام دىنىنى جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن سۇغۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىلمىي تەپسىرچىلىك ئىدىيەسىنى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ دۆلەت قانۇنى بىلەن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ قانۇنچىلىك ئېڭىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي چەكلەش لازىم؛ ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

شۇڭا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نامىدىن تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بېرىمىز: بىرىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى مەسىچىتلەرگە كىرسە؛ ئىككىنچى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مەسچىتلەرگە كىرسە؛ ئۈچىنچى، «مۇسۇلمانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىكى» مەسچىتلەرگە كىرسە؛ تۆتىنچى، دىنىي قائىدە، دىنىي مەدەنىيەت، دىنىي قۇرۇلۇشلاردا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەت نامايەن قىلىنسا؛ بەشىنچى، ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە رەددىيە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قۇرئاننى شەرھلەش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ناچار ئىللەتلەر تۈگىتىلسە ۋە تۈزىتىلسە.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ دىنىي ئىشلار پائالىيىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى قانۇنغا تايىنىپ ھەل قىلىپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشتە بىرلىكدە چىڭ تۇرۇشتۇر. كەڭ مۇسۇلمانلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى دەپ بىلىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشنىڭ بۇ مۇقەررەر يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدۇ.

 (مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى)

يەنە >>سۈرەتلەر