باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ چاغانلىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-02-13   

«خەلق گېزىتى» 2-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ11-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە چاغاننى تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

ۋاڭ ياڭ دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:” 2017-يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، دىنىي خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلغان بىر يىل بولدى. دىنىي تەشكىلاتلار جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇردى.“

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ” 2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، دىنىي ساھە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتىيى روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى ھەققىدىكى زور قارار ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلۇشۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلىشى كېرەك؛ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى قوللۇنۇپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان دىن سىياسىتى، قانۇن-بەلگىلىمىلىرى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يۇقىرى ساپالىق دىنىي ساھە ئىختىساسلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىدىيە، تۈزۈم، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەش  رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ جايلار، تارماقلار دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەك قوللاپ، دىنىي ساھەنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغدىشى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر