باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا چاغانلىق ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-02-09   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ، مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا چاغانلىق ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلىنىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. 

ۋاڭ ياڭ جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، ئېپىسكوپلار ئۆمىكى قاتارلىق مەملىكەتلىك دىنى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى، فاڭجېن-سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللاپ، دىن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر قايسى دىنى تەشكىلاتلار كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىن ساھەسى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدىكى ئاكتىپ كۈچ. 

ۋاڭ ياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، دىن ساھەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلىمىز دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىي ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دىن ئىشلىرى نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنى ئەقىدە، دىنى بەلگىلىمىلەردىكى دەۋر تەرەققىياتى تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئاكتىپ ئامىللارنى چوڭقۇر قىزىپ، كەڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن زىيارەتتە بىللە بولدى.

 (مەمتىمىن مەھمۇت  تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر