باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-02-09   

2018-يىلى 2-ئاينىڭ8-كۈنى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن چېن زۇڭرۇڭ، جاڭ يەنتۇڭ، يۈبو قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەرنى يوقلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىغا چاغانلىق بەخت-خۇشاللىق تىلىدى. 

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن ۋاڭ زوئەنگە تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىلدا ئىشلىگەن نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ۋە 2018-يىللىق خىزمەت پىلانىدىن دوكلات بەردى.

ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىلى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ”2017-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تۇنجى يىلى بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىدى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەج تاۋاپقا تەشكىللەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمەن ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشلىنىشتىلا ياخشى باشلىدى، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى.“

ۋاڭ زوئەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ”بۇنىڭدىن كېيىن شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، پۇختىلىقىنى ئويلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەۋر ئۈنۈمىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدە پەيدا بولغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مۇسۇلمان ئاممىغا بۇ ھەقتە دەل ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك چۈشەنچە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى تەمىنلەش لازىم؛ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم؛ تاشقى ئالاقىدە بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆڭۈل يېقىنلىقى بەرپا قىلىش ۋە دىنىي خەتەرلەردىن ساقلىنىش جەھەتتە تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناش لازىم؛ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، كۆچمە مۇسۇلمانلار ۋە مەزھەپ-تەرىقەتلەر مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش لازىم؛ مۇسۇلمانلارنى توردىكى پىكىر ئېقىملىرىغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى ئاكتىپ نامايان قىلىش لازىم.“

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەھكىمىلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ ۋە ھەر قايسى مۇئاۋىن باش كاتىپلار ۋاڭ زوئەن قاتارلىقلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر