باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-02-09   

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋبو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جونىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكىلەردىن ھال سورىدى ھەمدە جەمئىيەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپ بارات رەجەپ، ۋېن جىيەن ، جاۋ جۈن قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى. 

سۆھبەتتە رەئىس ياڭ فامىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشقاندىن بۇيان، پارتىيە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، ھەج مۇلازىمىتى  قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ھەم نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى دوكلات قىلدى.

مۇدىر جۇ ۋېيچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشقاندىن بۇيانقى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر-دىن خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭمۇ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇئاۋىن مۇدىر ياڭ شياۋبو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دىنىي تەشكىلاتلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر- دىن ئىشلىرى كومىتېتى سۇپىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(ما مىڭيۆ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر