باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-سانلىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-12-22   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-سانلىق دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن زۇڭرۇڭ، جاڭ يەنتۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم مەخسۇس دوكلات بەردى؛ دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىنىڭ كۆزەتكۈچىسى زو ۋېيگو، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چۇ يوچى قاتارلىقلار يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن زۇڭرۇڭنىڭ ”يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا“ دېگەن مەخسۇس دوكلاتى بىلەن دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭنىڭ ”19-قۇرۇلتاي روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيلى“ دېگەن مەخسۇس دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭنىڭ ”جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت دوكلاتى“نى ئاڭلىدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى؛ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئابلىمىت ئەخمەتتوختى قاتارلىق 5 كىشىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ۋەزىپىسى ۋە سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى؛ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە «جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش 5 يىللىق خىزمەت پىلانى»(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى مۇھاكىمە قىلىپ پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى.
كۆپچىلىك دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن زۇڭرۇڭ بىلەن جاڭ يەنتۇڭنىڭ مەخسۇس دوكلاتىغا قىزغىنلىق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ دوكلات ئىسلام دىنى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىدى؛ كۆپچىلىك يەنە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ماگېستېر ئاسپىرانت تەربىيەلىشى كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ئىش دەپ قارىدى.
يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: 2017-يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتى دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ھەم يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەرقايسى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش كاتىپ ما جۇڭپىڭنىڭ ”خىزمەت دوكلاتى“ سىياسىي يۆنىلىشى ئېنىق بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى يۈكسىلىش ۋە تەرەققىياتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
 
يىغىنغا يەنە 2017-يىلدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، ھەج مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ بىخەتەر، تەرتىپلىك، مەدەنىي ھەج قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە بېرىش-كېلىشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ بۇ ساھەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلام دىنى مەدەنىي تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئىجابىي يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018-يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئەستايىدىل كۈچ تەشكىللەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەم تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ يېڭى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنى خىزمىتىنىڭ قانۇنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام مائارىپىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ”ئۈچلەشتۈرۈش“ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەج مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدىگەن ئاساستا تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىشى كېرەك؛ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك؛ مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ”تۆت ئاڭ“نى تىكلەپ، ”تۆت ئىشەنچ“تە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ئەسلىمىزنى ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنۇتماي، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋر ئىسلامىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ”ئىككى يۈز يىللىق“ كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

بۇ يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 68 نەپەر دائىمىي كېڭەش ئەزاسى قاتناشتى، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئۆلكە ۋە رايونلاردىن دائىمىي كېڭەش ئەزاسى بولمىغان 6 ۋەكىل، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈم مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 7 كىشى قاتناشتى.

(ما جيەنلۇڭ، دۇڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)(تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر