باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى بىرىنچى قارارلىق شىنجاڭ ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-12-21   

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى بىرىنچى قارارلىق  شىنجاڭ ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 75 نەپەر كۇرسانت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە سۆھبەتتە بولدى.

سۆھبەت جەريانىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئازاد ئۆمەر كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ كۇرسانتلار سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى ئابدۇشۈكۈر رەھمەتۇللاھ داموللام ئۆزىنىڭ ۋە كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئاخىردا كۇرسانتلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كۆرگەزمىخانىسىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدى.

( ئىلياس ئىسلامبەك خەۋىرى؛  قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى؛  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر