باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-28   

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا 2017-يىللىق ئاسپىرانتلار سىنىپى، ئىماملار تولۇق كۇرس سىنىپى، مەملىكەتلىك سىنىپ ۋە شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەكتەپ مۇدىرى ياڭ فامىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن زېھنىنى قويۇپ تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغىلى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىگەندىلا ئاندىن ئۆزىدىن ھالقىغىلى، يۇقىرى پەللىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئېتىقادنى يەنىمۇ بىر قەدەم توغرىلاپ، خاراكتېرىنى تاۋلاپ، ئەخلاق-پەزىلەتنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۈرۈش-تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. ئۈچىنچىدىن، مەسئۇلىيەتچان ، دادىل بولۇش. ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ياشلىق ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسى ئارقىلىق قوزغىتىپ، ياشلىق ئارزۇسى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، مىللەتكە، دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەت يۈكىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈستىگە ئېلىشى، ئارزۇسى بار، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئادەم بولۇش يولىدا تىرىشىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن گۈزەل سەھىپىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن، ساۋاقداشلارنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەل-ئىبادەتتە مۇستەھكەم بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئارقىلىق جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ما تۇڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى كامالەتكە يەتكۈزۈشتەك ھاياتلىق ئىرادىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا ئېتىقادىنى جارى قىلدۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، 2016-2017-يىللىق ئوقۇش يىلىدىكى ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلغار سىنىپ كادىرلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى دوستلۇق لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سىنىپ تەقدىرلەندى.

(خۇڭ زې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر