باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش خىزمەت يىغىنى كۇنمىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-26   

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كۇنمىڭدا 2018-يىللىق ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، يۈننەن، شەنشى، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)لەرنىڭ دىن ئىشلىرى ئىدارىلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ھەج ئۆمىكى ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇمىي پىلان- تەسەۋۋۇرىنى بايان قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې 2018-يىللىق ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش خىزمىتىگە بولغان كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن مۇزاكىرىسى ئارقىلىق «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش خىزمەت تۈزۈمى» ماقۇللىنىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك ئورۇنلارمۇ قاتنىشىدىغان، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى نازارەت قىلىدىغان ھەجدىكى تۇرالغۇ كىراغا ئېلىش ئۇسۇلى بېكىتىلدى. يىغىن ئەھلى يەنە مەككىدىكى تۇرالغۇ جايلارنى كىرالىغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق باھا ماتېرىيالى توغرۇلۇق كېڭەشتى؛ مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق تۇرالغۇ جاي كېلىشىمنامىسىدىكى مۇھىم ماددىلارنى تۈزۈپ چىقتى.

 (بەي ليەنخې خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر