باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-22   

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى جۈمە كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قۇرئان ئوقۇش، قەسىدە ئوقۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەبلىغ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ ئاخۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنسىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشتى. 

  جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى تۇنجى قارارلىق ماگېستىرلىق سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى ياڭ جىنبو ۋەز-تەبلىغ قىلىپ مۇنداق دېدى: ”مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ كاتتا پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار روھىنى تەشۋىق قىلىپ ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم“.

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر