باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەت مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى كۇنمىڭغا يىغىلىپ،ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ھەققىدە پىكىرلەشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10   

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇچۇر-ئالاقە خىزمەت يىغىنى باھار شەھىرى كۇنمىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلغان، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغان، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغان ئاساستا دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىش پەيتىدە زىممىسىگە ئالغان مۇھىم تارىخىي بۇرچى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. مەزكۇر يىغىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېچىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چۇ يوچى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ كېجيا يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يۈننەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما كەيشەن، يۈننەن ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كۈنمىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ دۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جىن خۇڭۋېي قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى؛ يۈننەن ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ گېڭمىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: ”دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى ئۇزۇندىن بۇيان توغرا پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلدى؛ پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى ھەم ئىزچىللاشتۇردى؛ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى نامايان قىلدى؛ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئەقىدە ۋە توغرا ئەمەلگە يېتەكلەپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ ھاسىل قىلدى“. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ”يېڭى دەۋر مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، توغرا سىياسىي نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك؛ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، ’بەش تونۇش‘نى ئۆستۈرۈپ، ’تۆت ئىشەنچ‘نى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۆز ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، توغرا پىكىر يۆنىلىشىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئەقىدە، توغرا ئەمەلگە يېتەكلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك؛ دىندا دىننىڭ گېپىنى قىلىش ئالاھىدىلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ، تاراتقۇلارنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، بولۇپمۇ توردا شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ خىزمەتنىڭ نەتىجىسىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر-تەشۋىقات سۇپىسى قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات ھېكايىلىرىنى سۆزلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك؛ سانسىزلىغان مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر روھىنى ئىشقا سېلىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش روھىنى قايتا نامايان قىلىپ، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى تارىخىي سەپەرگە دادىل ئاتلىنىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭى تاراتقۇنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك؛ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلىرىمىزدا مەزمۇن ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىش، بولۇپمۇ سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، تارىخىي جەۋھەرلەرنى سۈزۈش، مەشھۇر زاتلارنىڭ مىراسىنى قېزىش، ئىلمىي تەتقىقات، دىنىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشقا دائىر ماقالىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ زامانىۋى تاراتقۇلىرىمىزدا ۋاقىت ئۈنۈمى ۋە كەڭ دائىرىلىك بولۇش جەھەتتىن باش قاتۇرۇش كېرەك؛ زامانىۋى تاراتقۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر تارقىتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەۋەر-ئۇچۇر، يەرلىك ئەھۋال، ئىلغارلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، تاراتقۇلارنىڭ كەسىپچانلىق روھىنى قاتتىق قوغداپ، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاڭلىق بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. يالغان-ياۋىداق، پەس، بىمەنە، چاكىنا خەۋەر-ئۇچۇرلارنى چەكلەپ، ساغلام، ئۆلچەملىك، ئىشەنچلىك تاراتقۇ سۇپىسى بەرپا قىلىش، دەۋر تەرەققىياتىغا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇر ۋە پىكىر-مۇلاھىزىلەرنى تارقاتماسلىق كېرەك“.

چۇ يوچى مۇنداق دېدى: ”پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي يەكۈننى چىقاردى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى بېكىتىپ،  يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى مۇسۇلمان ئاممىغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، مەزكۇر يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم؛19 -قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىنى ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغ غايىگە مۇجەسسەملىشى لازىم؛ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى تەشۋىق قىلىشى، تىنچلىق ۋە ئىناقلىقنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قاتارلىق ئىدىيەلەر ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلىشى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، دەۋر تەرەققىياتى، ساغلام مەدەنىيەتكە پايدىلىق بولغان دىنىي مەزمۇنلارنى قېزىپ چىقىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات تەلىپى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلىشى لازىم؛ دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى ئوبراز تىكلەپ، يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىشى لازىم“.

دىڭ كېجيا مۇنداق دېدى: ”پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ، مەزكۇر تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە پىكىرلىشىشى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش جەھەتتە يېڭى يول ئېچىشى مەزكۇر تاراتقۇلارنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلاشقان يېڭى تەدبىرى ۋە يېڭى ئىزدىنىشلىرى بولۇپ، ناھايىتى ئاكتىپ ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە“. دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ”بىرىنچىدىن، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئىش ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىدۇر؛ ئىككىنچىدىن، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋر مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن؛ توغرا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، ئىناق-دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئېسىل ئىدىيەسىنى داۋاملىق قوغداش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، بۇ يېڭى تاراتقۇنى توغرا تەرەققىياتقا يېتەكلەش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن، كەسىپ ساپاسى يۇقىرى، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتالايدىغان تاراتقۇ خادىملىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ، دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرىنى قانۇنلۇق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇن-تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇش كېرەك“.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ”بىر بەلباغ، بىر يول“ ۋە توردىكى جامائەتچىلىك پىكرىگە دائىر مەخسۇس تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تاراتقۇ خىزمىتى تەجرىبىلىرى ۋە ئوي-خىياللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندا «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى ئەھدىنامىسى» پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «خۇايى كۆزنىكى»نىڭ ئەپ دېتالىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى؛ ئۇچۇر-ئالاقە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىچىلىرى بېكىتىلىپ، تەكلىپنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ”بۇ قېتىمقى يىغىن 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش باش تېما قىلىنغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان، باش تېمىسى ئېنىق، ئەھمىيىتى زور يىغىن بولدى، شۇنداقلا ئېنىق ۋە مۇستەھكەم سىياسىي ئېڭىمىز، ۋەزىيەت ئېڭىمىز، يادرولۇق قىممەت قارىشى ئېڭىمىز ۋە بىر نىشانغا يۈزلىنىش ئېڭىمىز نامايان قىلىنغان يىغىن بولدى“. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ”دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى تاراتقۇلىرى 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى داۋاملاشتۇرۇشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ پارتىيەنىڭ دىنىي خىزمەت فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇشى لازىم؛ يېڭى دەۋر تاراتقۇلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئاكتىپ نەتىجە يارىتىپ، تاراتقۇلارنى مەزمۇن، شەكىل، تېخنىكا ۋە خادىم جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىش لازىم؛ خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەش، يۇقىرى-تۆۋەننىڭ ئالاقىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى، شۇنداقلا جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى تاراتقۇ مەنبەلىرىدىن ۋە ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ماسلىشىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى لازىم؛ جايلاردىكى ئالاقىلەشكۈچىلەر خەۋەر-ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يوللىشى، سۈپەتلىك خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ، جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئوبرازى ۋە نەتىجىلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم“.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، جايلاردىكى مۇسۇلمانلار تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىلىرىدىن بولۇپ 80 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  (مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر