باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خىزمەتچىلەرنى ” جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل“ تېمىىسىدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-02   

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، 2017-يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خىزمەتچىلىرىنى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا ئاپىرىپ،” جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل “ تېمىىسىدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى.

بۇ كۆرگەزمە 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيەت، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭىلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، خىزمەتچى خادىملىرىمىز بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ۋەتىنىمىزدە  رىئاللىققا ئايلانغان ھەر ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆردى ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن يېڭىلىقلارنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىللىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچىنى، نەزەرىيەۋى ئىشەنچىنى، تۈزۈم ئىشەنچىنى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى؛ 19-قۇرۇلتاي ئوتتۇرىغا قويغان كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. 

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر