باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19-نۆۋەتلىك سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خىزمەتچى خادىملارنى نەق مەيدان خەۋىرىنى بىرلىكتە كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-02   

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 11 دە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنسىتۇتى بارلىق خىزمەتچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19-نۆۋەتلىك سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش نەق مەيدان جەريانىنى تېلىۋىزوردىن بىرلىكتە كۆرۈشكە تەشكىللىدى. ھەممەيلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇخبىرلارغا سۆزلىگەن سۆزىنى ئاڭلىدى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي بيورۇسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

كۆپچىلىك شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ”ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى“ ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېيتىقىنىدەك، يېڭى دەۋردە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى نەتىجە بارلىققا كېلىشى، ھەممەيلەن ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇپ تىرىشىپ ئىشلىشى، ئۆز بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر