باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش كۇرسىنى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-21   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى شەندۇڭ ئۆلكىلىك سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش كۇرسىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقانلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، نۇقتىلىق ۋىلايەت(شەھەر، ئوبلاست) دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىسلام دىنى خىزمىتىدە تەسىرى بار كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش سىنىپى جىنەندىكى شەندۇڭ سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چۇ يۇچى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شياۋ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم ئۆلكىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى فىڭ شاڭۋىې مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم قارار ۋە يوليورۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتىنىڭ روھىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى دەرسخانىدا دەرس بېرىش، ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى مول، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولدى. مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چۇ يۇچى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بەدرىددىن گو چېڭجېن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك دىن خىزمىتىنىڭ روھىنى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆپچىلىككە ئەتراپلىق چۈشەندۈردى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ ۋېن، ۋاڭ يۈجې، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يەن بىڭگاڭ، ياڭ لۇخۇي قاتارلىق داڭلىق ئىلىم ئەھلىلىرى كۇرسانتلارغا ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ ئۆزگىرىشى، ھازىرقى زامان ئىسلام دىنى مەسىلىلىرى، جۇڭگو كۇڭزى مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر نەزەرىيە بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈردى. كۇرسانتلارنىڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، كۇڭزى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلۇشۇپلا قالماي ھەم دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ روھى ماھىيىتى بىلەن كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارە-تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. رەھبەر ۋە پىروفېسسورلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك مول بىلىمى، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈشلىرى كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇندىن باشقا كۇرسانتلار دەرس مەزمۇنىنى چۆرىدەپ ئىككى قېتىم گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى.

كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى كۇرسقا مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە شەندۇڭ سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، تەشكىللەش تەرتىپلىك بولدى، دەرسلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، گۇرۇپپىلار ئارا مۇنازىرە قىلىش قاتارلىق كۆپ شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەم نەزىرىيەۋىلىككە ھەم ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە؛ دەرسلىك مەزمۇنى ھەم نەزەرىيەۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەم ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا ماس كەلگەن ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئويغا ھەم كونكرېت خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە، كۇرسانتلار كۆپ نەپكە ئېرىشىپ، مول ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تەپەككۇرى ئويغاندى، سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزگە بولغان پەخىرلىنىش ھېسسىياتى ئويغاندى، كۇرسانتلارنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چۈشىنىشى ۋە تونۇشى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىي ۋە ھازىرقى ھالىتىگە بولغان چۈشەنچىسى ئاشتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق خىزمەت پىكىر يولىنى توغرىلاپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش يۆنىلىشىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوتتۇرھال يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

(ليۇ جى خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر