باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

52-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-19   

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 52-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ”يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر“نى ياخشى ئۆگىنىپ، شەرىئەتنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئۆز يۇرتىدىكى مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا باشلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوڭ ۋېن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزىدىن باشلاپ، ئۆز ئەتراپىدىكى ئىشتىن باشلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، بىلىم  جەھەتتە ئىقتىدارلىق، ئەخلاق-پەزىلەتتە ئاممىنى قايىل قىلارلىق،  ھەل قىلغۇچ پەيتتە  مۇھىم رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلامىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر