باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-07   

ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ قېتىملىق ئىمتىھانىغا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن 67 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى قاتناشتى، ئىمتىھان ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، سىياسەت، تارىخ –جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئېلىندى.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلدى ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى، ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ 25 نەپەر ئوقۇغۇچى  قوبۇل قىلىندى.

(ئەسەد خۇڭ زې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر