باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى، ليۇ يەندۇڭ، سۈن چۈنلەن قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ ھېيتنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-01   

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي، ما بياۋ قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ، ھېيتنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ زىياپەتتە سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى خىزمىتىگە بولغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالامىنى يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”بۇ يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بىرىنچى يىل بولۇپ،  مەركىزىي كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتىمىز ھەم ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىمىز؛ جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز؛ ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە يېڭى ۋەز-تەبلىغلەرنى سۆزلەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىۋاتىمىز. بىز يەنە دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنى ھەجگە تەشكىللەش، تەربىيەلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، بۇ خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. مىللەتلەر ئىناق بولغان، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، بىللە تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مۇقىم بولۇۋاتقان چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقاردۇق. مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق پەيتتە، دۆلىتىمىز ھاجىلىرىنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ سالامەت قايتىپ كېلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز!  شۇنداقلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، خەلقىمىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ياشىشىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىناق، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىنى تىلەيمىز!“

زىياپەتكە يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەت كېرىمباي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى داگاڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ شياۋجۈەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شياۋدۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋبو، جۇڭگو خەلق تاشقى ئالاقە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ جىڭۋۇ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شۇجىچۈسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ليۇ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يەنتۇڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى ۋېيشېڭ، ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ كېجى، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ زىياپەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

زىياپەتكە يەنە ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمان ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

(ئوسمان دوڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى بارات ھاجى رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر