باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ پاكىستاننىڭ ”جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى“ ئالاھىدە ئەلچىسى زەپەر بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25   

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ”جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى“غا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى زەپەر جانابلىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئالاھىدە ئەلچى زەپەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى ئاستىدىكى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ جۇڭگودا 40 يىلدىن بۇيانقى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئەلچىخانا ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ جۇڭگو-پاكىستان ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىق نەتىجىسىنى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا ھاسىل بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ئالاھىدە ئەلچىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇندىن كېيىن ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇسا چېن يۈلۇڭ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پاكىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور تاڭ مىڭشېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر