باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى مۇفتىسى شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-25   

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى مۇفتىسى شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ قىزغىن دوستانە سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، ئىيوردانىيە پادىشاھ ئابدۇللا  ئىمام تەربىيەلەش ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى دوكتور رېشاد كيلانى، مىسىر مۇفتىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم نەجىم قاتارلىقلار سۆھبەتتە بىرگە بولدى.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام ھەزرەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم شەيخكە جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو ۋە مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىشىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام ھەزرەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن رەسمىي ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى.

شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام ھەزرەتلىرى رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ ھەمسۆھبەتتە بولغىنىغا ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ جۇڭگونىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ھەم جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ۋە خەلقئارالىق ئىمام تەربىيەلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەيخ شەۋقى ئىبراھىم ئابدۇلكەرىم ئەلام ھەزرەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا كېلىپ، ” 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئارا مەدەنىي دىيالوگ مۇھاكىمە يىغىنى“ (جۇڭگو –ئەرەب دۆلەتلىرى ئارا مەدەنىي دىيالوگ ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى)غا قاتناشقان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا 16 دۆلەتتىن 70 تىن ئارتۇق ئەمەلدار، دىنىي ساھەلەردىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە مۇتەخەسسىس-ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى زاتلىرىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈستىدە كەڭرى ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر