باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئۇقتۇرۇش

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24   

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە:

جەمئىيىتىمىزنىڭ 2017-يىللىق مىلادىيە، قەمەرىيە، ھىجرىيە كالېندارلىرىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلىگە ئاساسەن ھېسابلاش ئارقىلىق ۋە ھەج مۇراسىمى ئورنىنىڭ يېڭى ئاينى ئەمەلىي كۆزىتىش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز: مىلادىيە 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى(قەمەرىيە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى) ھىجرىيە 1438-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بولىدۇ. مىلادىيە 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ”ئارافات كۈنى“گە توغرا كېلىدۇ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ”قۇربان ھېيت“ بولىدۇ. قۇتلۇق قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىن ھېيتلىق ناماز قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

                                                 جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى

                                        2017-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى

يەنە >>سۈرەتلەر