باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى مۇھاكىمە يىغىنى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-24   

ــ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى(7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى مۇھاكىمە يىغىنى، تۆۋەندە قىسقارتىپ ”مۇھاكىمە يىغىنى“ دەپ ئالىمىز)چېڭدۇدا ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغان چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە مەدەنىي دىيالوگ بىلەن ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىش تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، 16 دۆلەتتىن 70 تىن ئارتۇق ئەمەلدار، دىنىي ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە مۇتەخەسسىس ، ئالىملار ”جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئورتاق ھەمكارلىشىپ ’بىر بەلباغ، بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مەدەنىي دىيالوگ“، ”ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشتا باش مەنبەنى تۈزەش ۋە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەمكارلىقى“، ”جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىيىتىدىكى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى“، ”جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىق مەسىلىسى“ قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇن، مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئىنلىن، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئەيسا گاۋ جەنفۇ قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ لى يىغىندا سۆز قىلىپ: يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، بىرىنچىدىن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۆتىدىللىك ۋە ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە مەدەنىي دىيالوگ رامكىسى ئىچىدە، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىلىشى ۋە يېيىلىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈستىدە مەخسۇس تېمىلىق چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئارقىلىق ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماكان-بوشلۇقىنى  قىسىش؛ تۆتىنچىدىن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسلاھات تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئالاقە تۈرلىرى ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ بەشىنچىدىن، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئاخبارات تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىجابىي، ئوبيېكتىپ مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنى تېزلىتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىننىڭ ئەرەب تەرەپ رەئىسى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلھۇۋاس يىغىندا سۆز قىلىپ: جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ ۋە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇپ قالدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد، فىلولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە بىرقەدەر چوڭ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش، چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ كۈتكىنى ۋە پايدا-مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئارقىلىق كۆزقاراش ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، كۆپ خىللىقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، چېڭدۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئۈستىگە ئالغان.

”جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى يەنى جۇڭگو –ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىي دىيالوگى مۇھاكىمە يىغىنى“ بولسا، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇھاكىمە مۇنبىرى رامكىسى مېخانىزمى ئاستىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ . 2005-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەردە 6 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى؛ ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر