باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ھەج ئۆمىكىنىڭ تايانچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ۋۇجۇڭ شەھىرىدە ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11   

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نىڭشيانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرىدە 2017-يىللىق ھەج ئۆمىكىنىڭ تايانچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ ۋېيدوڭ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ھەيئىتى يەن پىڭ، ۋۇجۇڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما تېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئادىل ھاجى كېرىم يېغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يەن پىڭ سۆز قىلدى. ماجىن، نەبىل ماجۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىللىق ھەج خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار تەييارلىق ئەھۋالىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئۆمەكنىڭ يېتەكچى خادىملىرىنىڭ ھەجگە تەشكىللەش، مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە بۇ قېتىملىق كۇرسنى ياخشى تەشكىللەش ھەققىدىكى كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ماجىن، ئادىل ھاجى كېرىم، لى گې ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، كارانتىن باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۇرستا دەرس ئۆتتى، دەرس مەزمۇنى ھەج خىزمىتىنىڭ فاڭجېن سىياسەتلىرى، ھەج يېتەكچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئۇسۇلى ھەمدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ھەج مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، ھەجدىكى داۋالاش، كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەمدە ھەج بىلىملىرى ۋە تەرتىپ-قائىدىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق 15 ئۆلكە (ئاپتونوم  رايون) ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆمەكتىن بولۇپ 170تىن ئارتۇق ھەج ئۆمىكى تايانچى خادىملىرى، دىن ئىشلىرى تايانچى خادىملىرى ۋە داۋالاش خىزمەتچىلىرى ئىچىدىكى تايانچى خادىملار كۇرسقا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆمەك مەسئۇللىرى ئالاقە يىغىنىدا، 2017-يىللىق جۇڭگو ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم 2017-يىللىق چېگرا سىرتىدىكى ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې باش ئۆمەك، ئۆلكە ئۆمەكلەر ۋە ئۇنىۋېرسال ئۆمەكلەرنىڭ خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرىدا ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئۆمەكلىرى، ئۇنىۋېرسال ئۆمەكنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز ئۆمەكلىرىگە ۋاكالىتەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.

داۋالاش خادىملىرى تەربىيەلەش كۇرسىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نەبىل ماجۇڭپىڭ داۋالاش خادىملىرىغا قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ دوختۇرخانىسى ۋە بېيجىڭ 301- دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى تېببىي خادىملارغا دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، قېرىلار كېسەللىكىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، جىددىي كېسەللەرنى داۋالاش، سۇنۇق ۋە كۆيۈكلەرنى داۋالاش، يۇقىرى تېمپىراتۇردا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، كۇرسانتلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

دىنى خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا جاڭ ۋېن ۋېي مۇئەللىم دىنى يېتەكچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى دېگەن مەزمۇندا لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ھەج پەرىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە پىكىر ئالماشتۇردى.

(سەيفۇددىن بەي ليەنخې خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر