باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2017-يىللىق رامىزانلىق سەييارە ۋەز-تەبلىغ پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-06-15   

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى  ئارقىلىق دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى يېتەكلەش، تەربىيەلەش ھەققىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇسۇلمان ئاممىنى مەزكۇر قىممەت قارىشىنىڭ ھىمايىچىلىرى، تەشەببۇسچىلىرى، ئىجراچىلىرىدىن بولۇشقا ئاكتىپ يېتەكلەش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىناق، ئىتتىپاق، ئىشەنچلىك ۋە مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە رامىزانلىق سەييارە ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. 7 كىشىلىك ۋەز گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنخۇي، خېنەن ئۆلكىلىرىدەـ خېفېي مەسچىتى، خۇەينەن شوۋشيەن مەسچىتى، شۈچاڭ چاڭگې بەيجەي مەسچىتى، جېڭجو بېيدا مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەردە  ۋەز-تەبلىغ قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنخۇي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇكېفا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خېنەن ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ باۋچى ئاخۇنلار مەزكۇر پائالىيەتلەرگە باشچىلىق قىلدى.  

بۇ ۋەز-تەبلىغ گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن نيۇجې مەسچىتىنىڭ ئىمامى ياڭ دۇڭۋېن، بېيجىڭ دوۋديەن مەسچىتىنىڭ ئىمامى ما جياچېڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەي يانەن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر بولۇپ، ئۇلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىلەن رامىزانلىق خەير-ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى»، «ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان سەمىمىي مۇسۇلمانلاردىن بولايلى»، «كىشىلەرگە خۇش مۇئامىلە قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى»، «رامىزان ئىبادىتىنى ياخشى ئورۇنلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ خەير-ساخاۋەت روھىنى جارى قىلدۇرايلى» دېگەن تېمىلاردا ۋەز-تەبلىغ سۆزلىدى؛ ئۇلار  ئايەت-ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، دوستانە بولۇش قاتارلىق ئىدىيە، غايە ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، جانلىق، قىزغىن نۇتۇقلىرى بىلەن جامائەتنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرغان بۇ رامىزانلىق  ۋەز-تەبلىغ پائالىيىتى جايلاردىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

(ئوسمان دۇڭ سەيمو خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر