باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-06-15   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئىپتارلىق زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ ئىشتىراكچى مېھمانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇبارەك رامىزان ئېيىدا مېھمانلارنى بىر يەرگە جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلىش ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئۈچۈندۇر. رامىزان ئېيى شۈكۈر ئېيى بولۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، بەرىكەت ئاتا قىلغان ئاللاھقا، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغان ۋەتەنگە، ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئاتا-ئانىمىزغا شۈكۈر ئېيتىش، شۈكۈر ئېيتىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. رامىزان سەۋر ئېيى بولۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قەلبنى پاكلاپ، ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئېڭى، قانۇنغا رىئايە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، سەۋر قىلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى ئەخلاقىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. رامىزان ئېيى تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئېيى بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، جەمئىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، تەڭ بەھرىمەن  بولۇشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىجتىمائىي ئەخلاقىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى پۇرسەتنى يارىتىپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ شۈكۈر ئېيتىش، سەۋر قىلىش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش روھى قىممەت قارىشىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، توقۇنۇشنى پەسەيتىش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى ۋە كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

زىياپەتكە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى بىرقىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، مۇسۇلمان كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىن، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن، باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، ئىمادىدىن ۋېن جيەن، سۇلايمان جاۋجۈن، مۇسا چېن يۈلۇڭ ھەمدە ھەر قايسى بۆلۈملەر ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

(رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر