باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو نيۇجې مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-17   

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، مەيىن شاماللار دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنى يەلپۈپ تۇراتتى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى داغدۇغىلىق ئېچىلغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە قەدىمىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى بېيجىڭ نيۇجې مەسچىتى بىر تۈركۈم كاتتا مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئالىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو قاتارلىقلار نيۇجې مەسچىتىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغىلى كەلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ قاتارلىق دىنىي زاتلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتى. زۇڭتۇڭ جوكو رەئىس ياڭ فامىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا نيۇجې مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گۈەنجۇن ئاخۇننىڭ مەزكۇر مەسچىت ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.

رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭ ئاخۇن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ جوكونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى ۋە جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە گەرچە يىراق بولسىمۇ كۆڭۈللەر يىراق ئەمەس. قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى ئەلنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ، بىز ئىزچىل ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. بۈگۈن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىككى ئەلنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىردى؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل-مۇئامىلە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى؛ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئەلدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“. ئاخىرىدا رەئىس ياڭ فامىڭ دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان نۇقتىلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

زۇڭتۇڭ جوكو رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، دىنىي تۇرمۇشى ۋە دىنىي مائارىپىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىمدىن ھەمدە قەدىمىي نيۇجې مەسچىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم، تارىخى ئۇزۇن، قۇرۇلۇشى كۆركەم بۇ مەسچىتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنلارغا بولغان كەڭچىللىكى ۋە ھۆرمىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى دوست ئەللەردۇر، شۇنداقلا بۈگۈنكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى شېرىكلەردۇر. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان تولۇق ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىمىز ھەمدە ئىككى دۆلەت دىنىي تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا يېڭى مەدەنىيەت ئالاقە سەھنىسى بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

زۇڭتۇڭ جوكو ھىندونېزىيەدە بېسىلغان نەپس «قۇرئان كەرىم»نى سوۋغا قىلدى، رەئىس ھەسەن ياڭ فامىڭمۇ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» (جەۋھەرلىرى)نى ۋە  ئەرەبچە ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ، مۇئاۋىن باش كاتىپ مۇسا چېن يۈلوڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن باۋ، شىچېڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يى قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى. 

(رامىزان مىن جۈنچېڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر