باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل ئەۋەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-05   

-2017يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ”ساغلاملىق، ئىقتىسادچىللىق ۋە پاكىزلىق“نى ئاساسىي تېما قىلغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يېغىنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يېغىننى شياڭگاڭدىكى جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ. يېغىن جەريانىدا، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ئالىملار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەمئىيەتكە قانداق ماسلاشقانلىقى ۋە خىزمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يېغىنغا تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دوكتور رامىزان مىن جۈنچىڭ قاتناشتى، ھەمدە ”مۇسۇلمانچە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى“ دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”مۇسۇلمانچە“ دېگەن بۇ ئۇقۇم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان يۈكسەك قارىشى ۋە مايىللىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇزاق تارىخ جەريانىدا، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئوخشاش بولمىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خىلمۇخىل يېمەكلىكلەر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەلۇم جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودا يەرلىشىشى دۆلىتىمىز يېمەكلىك مەدەنىيىتىنى موللاشتۇرۇشتا مۇھىم  ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى يېغىنغا، جۇڭگو، ھىندونېزىيە، ئىران، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ئالىملار قاتناشتى.  (رامىزان مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مۇھەممەدئەمىن مەھمۇد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر