باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگونى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-05   

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، ئىران ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئاياتۇللاھ ئابباس ئەلى سۇلايمانىنىڭ باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك ئىران شىئە مەزھىپى ۋە سۈننىي مەزھىپىدىكى دىنى ئالىملار ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلىتىمىزدە دوستانە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگودىكى زىيارەت مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

بېيجىڭدىكى زىيارەت داۋامىدا، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ ئايرىم-ئايرىم ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخى ئالاقىسى ئۇزۇن، ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ۋە دىن ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ئەسەبىي ئىدىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەردىن ھەمبەھىرلىنىشى كېرەك. ھەسەن ياڭ فامىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئىراندىكى ھەر قايسى دىني تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋىتى ھەمدە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىغا بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۆمەك باشلىقى ئاياتۇللاھ ئابباس ئەلى سۇلايمانى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭنىڭ قاراشلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن ئالاقىسىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگودىكى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ ۋە لىنشىيا قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلدى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ يۈشىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ياڭ يۈشىڭ مۇنداق دېدى: ئىران مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت، گەنسۇ يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن بۆلىكىگە جايلاشقان، نۆۋەتتە يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەس قولغا كېلىدىغان تارىخى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مەدەنىيەت، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ساھەلىك، كۆپ شەكىلدىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئاياتۇللاھ ئابباس ئەلى سۇلايمانى ئىران ۋە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇش ئىستىقبالى ناھايىتىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ ساھەدە ئۆزئارا ئالاقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا نىيۇجې مەسچىتىنى ئېكىسكورىسىيە قىلدى، سەددىچىن سېپىلىدا ساياھەتتە بولدى، گەنسۇدا لەنجۇ ئىسلام ئىنستىتۇتى، مەسچىت، مازار ھەمدە لىنشىيادىكى داڭلىق بافاڭ ئون ئۈچ كوچىنى ئېكىسكۇرىسىيە قىلدى.

(ئىلياس ما يىخۇي خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر